خىتاي بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلىش جىنايىتىنى جىددىي داۋاملاشتۇرماقتا

 

خىتاي يېقىنقى يىللاردا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا ئاتالمىش «ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان تۇرالغۇلارنى، ئولتۇراق رايونلىرىنى مەجبۇرىي چېقىپ، ئورنىغا خىتاي ئۇسلۇبىدىكى تۇرالغۇ رايونلىرىنى قۇرۇپ چىقىشنى ئىزچىل ئىجرا قىلغانىدى. خىتاي بۇ يىلمۇ مەزكۇر جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى مىڭغا يېقىن كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاشنى پىلانلىغانلىقىنى، بۇ پىلاننىڭ 200 مىڭ ئائىلىگە چېتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 22-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق شەھەرنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر قىياپىتىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش» دېگەن نامدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى تۇرالغۇ كاپالىتى باشقارمىسى بۇ ھەقتىكى پىلانىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2023-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى شەھەر-بازارلاردىكى 1152 ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاپ، 219 مىڭ 100 ئائىلىلىك ئۆينى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىپ قايتا سالغان. شۇنداقلا خىتاينىڭ 2019-يىلىدىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستان بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى 6031 ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىپ، 972 مىڭ 900 ئائىلىنىڭ ئۆيىنى قايتا ياسىغانلىقىنى ئاشكارىلانغان.

خىتاي بىر نەچچە يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى، مەدەنىيىتىنى يوقىتىشتەك رەزىل مەقسىتى بىلەن، ئاتالمىش «كونا ئولتۇراق رايونىنى يېڭىلاش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش» نامىدا مىللىي ئۇسلۇبتىكى ئۆي-ئىمارەتلەر، ھويلا-ئاراملارنى مەجبۇرىي چېقىپ، خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىپ كەلگەنىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق، تارىخىي ئىزلارنى، مەھەللە، قوشنىدارچىلىق كۈلتۈرىنى ۋە بىناكارلىق مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق خەلقنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرۇش، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول ۋە نازارەت قىلىش، نوپۇس نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق رەزىل مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 8489 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2024 14:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق