ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىدە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى ئەيىبلەپ، ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا چاقىردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشى 23-يانۋار جەنۋەدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. يىغىندا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا ۋە خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىك دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە چاقىرىق قىلغان، ئەمما خىتاي ۋەكىللىرى جىنايى قىلمىشلىرىغا تېنىپ، بۇ چاقىرىقلارنىڭ ئۆسەك سۆز ۋە يالغاننى ئاساس قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، يىغىندا «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك تەكشۈرۈش مېخانىزمى» ئاساس قىلىنىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆزدىن كەچۈرۈلگەن.
دىپلوماتلارنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي رېجىمى ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن جەنۋەگە چوڭ بىر ئۆمەكنى ئەۋەتكەن بولۇپ، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى نەچچە ئون ئەمەلدار يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە غەرب دۆلەتلىرىدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىگە خەت يېزىپ، ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يىغىندا خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسىنى ماختىشىنى ۋە قوللىشىنى تەلەپ قىلغان.
جەنۋەدىكى يىغىنغا قاتناشقان خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشى 2018-يىلى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يىغىن ئاچقاندىن بۇيان، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، 100 مىليونغا يېقىن ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا 163 دۆلەت ۋەكىلى سۆز قىلغان. ئەمما خىتايدىن باشقا ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ سۆز قىلىشىغا پەقەت 45 سېكۇنت ۋاقىت بېرىلگەن. يىغىندا ئېفىيوپىيە، كامېرون قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋەكىللىرى خىتاينىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلارنى ياخشىلاشتىكى تىرىشچانلىقىنى ماختىغان. مۇتلەق كۆپ ساندىكى غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىنىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش ئەلچىسى مىشېل تايلور خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى قايتىدىن ئەسكەرتىپ، بۇ جىنايەتلەرنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينى خوڭكوڭدا يولغا قويۇلغان ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نى بىكار قىلىشقا چاقىرغان. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇ قانۇن دېموكراتچىلار ۋە ئوخشىمىغان پىكىردىكى كىشىلەرنى باستۇرۇشنىڭ قورالىغا ئايلاندى دەپ قارىغان.
سەيشەنبە كۈنى ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشى يىغىنى داۋام قىلىۋاتقان پەيتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ئالدىدا ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇق ۋە خىتاي دېموكراتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پائالىيەتچىلەر خىتايغا قارشى نامايىش قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ