23-يانۋار جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت يىغىنىدا، شىۋېيتسارىيە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ ئىجرا قىلغان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» دائىرىسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش يىغىنى ئاچقان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، شىۋېيتسارىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتايدىن ب د ت نىڭ سابىق ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى دوكلاتىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە 2018-يىلىدىن باشلاپ خەلقئارالىق تاراتقۇلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ قانۇنسىز قولغا ئېلىش ئارقىلىق، نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقى، ئەمما خىتانىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
سەيشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا شىۋېيتسارىيە يەنە خىتاي خوڭكوڭدا يولغا قويغان ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نىڭ خەلقئارا قانۇن بىلەن بىردەك بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ