شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى 7.1 بالغا يەتكەن ئېغىر يەر تەۋرەشتە ئۈچ كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، بەش كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، 12 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئەمما بۇ سانلىق مەلۇماتلار يەنىلا گۇمان قوزغىماقتا.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، نوپۇسى زىچ، بۇ رايون ئىلگىرى يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بەرمىگەن، ئەمما گېئولوگلار بۇ رايوننىڭ گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسىدا يەر تەۋرەش خەۋپى بارلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ يەر تەۋرەش دەرىجىسى 7.1 بالغا يەتكەن بولۇپ، ئەتراپتىكى نۇرغۇن رايونلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ئۈچ كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، بەش كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، 12 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلغان. خەۋەرلەردە يەنىلا خىتاي رېجىمىنى كۆككە كۆتۈرۈش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئۇچتۇرپاندىكى ئېغىر يەر تەۋرەشتە ئېغىر دەرىجىدە ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكى، بۇنىڭ سەۋەبى تەۋرەش مەركىزىدە ئاھالىلەرنىڭ شالاڭ ئولتۇراقلاشقانلىقى، شۇنداقلا خىتاي رېجىمىنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ۋاقتىدا، ياخشى ئىشلىگەنلىكى قاتارلىقلار دەۋا قىلىنغان.
گەرچە خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى قازا قىلغانلارنى پەقەت ئۈچ دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئەزەلدىن تارتىپ بۇ خىل خەۋەرلەردە يالغان مەلۇمات تارقىتىدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يەر تەۋرەشكە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تارقىتىشقا چەكلىمە قويغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالىغا بولغان ئەندىشىنى كۈچەيمەكتە.
شۇنداقلا خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى ما شىڭرۈي ۋە ئەركىن تۇنىيازنىڭ تېز سۈرئەتتە ئاپەت رايونىغا بارغانلىقىنى ئالاھىدە خەۋەر قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان تۈرلۈك زىياننىڭ خېلىلا ئېغىر ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ