تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ ئالتە ھاۋا شارىنىڭ تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 22-يانۋار ئەتىگەن سائەت ئالتىگىچە بولغان 24 سائەت ئىچىدە، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ جەمئىي ئالتە ھاۋا شارىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى، بىرىنىڭ بىۋاسىتە تەيۋەننىڭ جەنۇبىدىن ئۆتكەنلىكىنى، ئۆتكەن بىر يېرىم ئاي ئىچىدە خىتاينىڭ ھاۋا شارىنىڭ ئىزچىل تەيۋەننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى، ئەمما يەكشەنبە كۈنى بىر كۈن ئىچىدە ھاۋا شارىنىڭ كۈندىلىك كۆرۈلۈشىدە رېكورت يارىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 22-يانۋار تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، يەكشەنبە كۈنى خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ ئالتە ھاۋا شارنىڭ ھەممىسى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مەركىزى سىزىقىدىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇلار ئىچىدىكى بەش ھاۋا شارى تەيۋەننىڭ شىمالىدىكى دېڭىز قىرغىقىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن. ھاۋا شارىنىڭ ھەممىسى ئالتە كىلومېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتە بايقالغان. ھاۋا شارىنىڭ يەنە بىرى تەيۋەننىڭ جەنۇبىدىن ئۆتكەن بولۇپ، تۆت يېرىم كىلومېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇپ، ئالتە سائەتتىن كېيىن غايىب بولغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ «ئوتتۇرا لىنىيەسى» ئىلگىرى تەيۋەن بىلەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى ئوتتۇرىسىدىكى غەيرىي رەسمىي توسۇق ئىكەن. ئەمما خىتاينىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ۋە نۆۋەتتىكى ھاۋا شارلىرى قەرەللىك ھالدا مەركىزىي سىزىقىدىن دائىم ئۇچۇپ ئۆتمەكتىكەن. تەيۋەن 22-يانۋار يەنە تۆت ئايروپىلان ۋە پاراخوتنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
تەيۋەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاتتىق سۆزلەر بىلەن خىتاي ھاۋا شارىنىڭ ئۇچۇش يولىنىڭ نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق دېڭىز يولىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاۋا شارىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى كۈلرەڭ رايونغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ئارقىلىق، خەلقنىڭ جەڭگىۋار روھىغا تەسىر كۆرسىتىش» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ