شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە قاتتىق يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئەندىشىگە سالماقتا.

خىتاي يەر تەۋرەشتىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 23-يانۋار يېرىم كېچىدە، يەنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 00:09 دا ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.26 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق  76.63 گىرادۇس) 7.1 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزى چوڭقۇرلۇقىنىڭ 22 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

ئۇندىن باشقا 23-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 00:32 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقچى ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.07 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.43 گىرادۇس) 4.5 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزى چوڭقۇرلۇقىنىڭ 23 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تەۋرەش مەركىزى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يامانسۇ قىرغىز يېزىسى تەۋەسىدە بولۇپ، نوپۇس شالاڭ ئېگىز تاغلىق رايون ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما يەر تەۋرىگەندە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا تەۋرەش سېزىمى كۈچلۈك بولغان.

ئۇچتۇرپاندىكى قاتتىق تەۋرەش ئەتراپتىكى ئاقسۇ، ئاتۇش، قەشقەر، غۇلجا، كورلا، قاراماي، ئۈرۈمچى قاتارلىق ناھىيە ۋە شەھەرلەرگە تەسىر قىلغان بولۇپ، مەزكۇر رايونلاردا يېنىك تەۋرەشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قاتتىق يەر تەۋرىگەندىن كېيىن يەنە ئارقا-ئارقىدىن قالدۇق يەر تەۋرىگەن.

ئېلان قىلىنغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرىگەن ۋاقىت سائەت 00:09 تارتىپ سائەت 10:00 غىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستاندا جەمئىي 56 قېتىم 3.0 بال ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى قالدۇق يەر تەۋرەشنى خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 3.9 ~ 3.0 بال يەر تەۋرەش 43 قېتىم، 4.9 ~ 4.0 بال يەر تەۋرەش توققۇز قېتىم، 5.9 ~ 5.0 بالغىچە يەر تەۋرەش تۆت قېتىم يۈز بەرگەن. ئەڭ چوڭ قالدۇق يەر تەۋرەش 5.3 بال بولۇپ، ئاساسىي تەۋرەش مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 17 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق قىش مەزگىلى بولۇپ، قورقۇپ كەتكەن خەلق بىر كېچىنى قاتتىق سوغۇقتا تالادا ئۆتكۈزگەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى بۇرۇنقىدەكلا ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن بولۇپ، پەقەت خىتاي رېجىمىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش سەپەرۋەرلىكى قوزغىغانلىقى ئاساسىدا خەۋەر ئىشلىگەن. تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە يەر تەۋرەش مەركىزىدىن 26 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاقچى ناھىيەسى قۇلانساراق بازىرىدا ئۈچ ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ھازىرغىچە ئۇچۇر كەلمىگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 7856 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2024 11:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق