خىتايدىكى تاغ گۈمۈرۈلۈش ھادىسىسىدە ئونلىغان خىتاي ئۆلدى

خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىدە نەچچە ئونلىغان خىتاي ئۆلۈپ، يۈزلىگەن خىتاي رايوندىن قېچىپ چىققان.

خىتاي خەۋەر ھەپتىلىكى تورىنىڭ 22-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 18 ئائىلىدىن 45 ئادەم يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خارابىلىك ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان.

ھادىسە 22-يانۋار شۇ جاي ۋاقتى سەھەر سائەت 51: 05 دە يۈز بەرگەن بولۇپ، رايوندىن 500 دىن ئارتۇق ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلغان. ھادىسىنىڭ سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن. بۇندىن ئىلگىرى، خىتاي سوغۇق دولقۇنغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، تېمپېراتۇرا شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەن. خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇب رايونىدا شىۋىرغانلىق ھاۋارايى كۈچەيگەن.

ھادىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر خىتاي تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، نەچچە ئون ئادەمنىڭ كۆمۈلۈپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تۆت تۇغقىنىنىڭ خارابىلىك ئاستىغا ئىكەنلىكىنى، ھادىسە يۈز بەرگەندە ھەممە كىشىنىڭ ئۆيىدە ئۇخلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 7491 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2024 11:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق