سەئۇدى ئەرەبىستان: پەلەستىن مەسىلىسى ھەل بولمىغۇچە ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋىتىمىز نورماللاشتۇرمايدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەگەر پەلەستىن مەسىلىسى تولۇق ھەل قىلىنمىغان تەقدىردە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 22-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھزادە فايسال بىن فارھان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت ئىشەنچلىك بىر ھەل قىلىش يول بولمىغان تەقدىردە، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرمايدىغانلىقى، غەززەنى قايتا قۇرۇشقا ھەسسە قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە تەھلىل قىلىنىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ مەيدانى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلمايدىغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ بىلەن زىددىيەتلىك بولغان. نۆۋەتتە غەززەنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ مەيدانى ئۇرۇشتىن كېيىنكى باشقۇرۇش ياكى بۇ رايوننى قايتا قۇرۇش پىلانىغا زور توسالغۇ پەيدا قىلىدىكەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە كۆپلىگەن ياۋروپا ئەللىرى پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ھەل قىلىش چارىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە بۇنىڭغا قارشى تۇرماقتا.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، فايسال بىن فارھاننىڭ بۇ سۆزلىرى دىققەت تارتىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدىن بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرىدىغان ئابىدە خاراكتېرلىك كېلىشىم تۈزۈشكە ھەرىكەت قىلغانىدى.

پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىنىڭ داۋام قىلىشى سەۋەبلىك پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇش مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئىسرائىل غەززەگە ھۇجۇم قىلىپ، 25 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن ۋە غەززەدە كەڭ كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىق، ۋەيرانچىلىقنى پەيدا قىلغان.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 108 كۈندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدا خەلقنى ئايرىماي قالايمىقان ھۇجۇم قىلىشى سەۋەبلىك، 21-يانۋارغا قەدەر 25 مىڭ 105 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن بولۇپ، 62 مىڭ 681 ئادەم يارىلانغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلار ۋە ئاياللار بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3868 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2024 11:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق