بىراق نەچچە كۈن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە قاتتىق قار ياغقان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاتتىق قاردىن كېيىن قابا ناھىيەسىدە قار كۆچۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، قىسمەن ساياھەتچىنىڭ قاپسىلىپ قالغان قالغانلىقىنى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 10 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ يولنى راۋانلاشتۇرغانلىقىنى، ئاپەتتە ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى.
ئەمما 16-يانۋار خەلقئارادىكى داڭلىق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن رويتېرس ئاگېنتلىقى بىلەن بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە خەۋەر ئىشلەپ، قاناس ساياھەت رايونىنىڭ قىشلىق قار مەنزىرىسى ساياھەت رايونىدا ئېغىر قار كۆچۈش سەۋەبلىك، مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى بىلەن ئون كۈندىن بۇيان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى، ھەپتىدىن بۇيان 50 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنىڭ يەتتە مېتىرلىق قار بىلەن كۆمۈلگەنلىكىنى، ئاپەت ئېغىر بولغانلىقتىن، خىتاي رېجىمىنىڭ ئالاقىدار تاماقلىرىنىڭ كۆمۈلۈپ قالغان يوللارنى ئېچىشقا ئامال قىلالمىغانلىقىنى، بىر قىسىم ساياھەتچىلەرنىڭ تىك ئۇچار ئارقىلىق قۇتقۇزىۋېلىنغانلىقىنى، نۆۋەتتە قاناستا قاپسىلىپ قالغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى مىڭدىن ئاشقاچقا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىك ئۇچار بىلەن يۆتكەش ئىمكانىيىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
خىتاي خەۋەر تورى 21-يانۋاردىكى خەۋىرىدە قار كۆچۈش ۋەقەسىنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، خەۋەردە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خەتەردىن قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى تەشكىللەپ، قار تازىلاپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرغانلىقى قەيت قىلىنىش بىلەن بىرگە: «بۇ جەرياندا ئالتاي تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى قابا شۆبە ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ خېڭ، سۇ ۋېي، جارقىنبېك قاتارلىق ئۈچ كىشى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى» دېيىلگەن.
خەۋەردە مەزكۇر خىزمەتچىلەرنىڭ بۇرچىن ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئۆلكە يولى S232 لىنىيەسىنىڭ K17 دىن K18 كىلومېتىرغىچە بولغان بۆلىكىدە قار تازىلاۋاتقاندا قار كۆچكۈنىگە ئۇچراپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى، ئىزدەش نەتىجىسىدە، ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بىر خادىمنىڭ 12-يانۋار تېپىلغانلىقى، يەنە ئىككى خادىمنىڭ 14-يانۋار چۈشتىن كېيىن تېپىلغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلغان ساياھەت رايونىدا يۈز بەرگەن قار كۆچكۈنىدىكى ئېغىر ئەھۋال ۋە ئۆلۈم-يېتىمنى يوشۇرغانلىقىنى، بۇ ھادىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغان ساياھەتچىلىككە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك خىتاي بۇ قېتىملىق قار كۆچۈش ۋەقەسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يوشۇرۇشقا تىرىشقانلىقىنى، كېيىنمۇ يەنە ئۆزلىرىنىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ماسلاشتۇرۇپ ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ