ئەنگلىيە ساقچى تارماقلىرى خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق دۈشمەنلىشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى قىسىم تەشكىللىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 20-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە ساقچى تارماقلىرى خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى بىر ئورگان قۇرغان بولۇپ، بۇ ئەنگلىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مەخپىي ئىستىخباراتى ئورگىنى بەشىنچى باشقارما (MI5) ۋە ئالتىنچى باشقارما (MI6) بىلەن زىچ ئالاقە ئورناتقان. بۇ ئورگاندىكى ساقچىلار بۇ يىلقى مەملىكەتلىك سايلامنىڭ ئالدىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە مەسئۇل بولىدىكەن.
لوندون شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسئۇلى مەت جۇكېسنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگلىيە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيان، دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ ئېغىر تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن. چوڭ شەھەر ساقچىلىرىنىڭ جاسۇسلۇق ۋە چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى خىزمەت يۈكى 2018-يىلىدىكى سالىسبۇرىي ھۇجۇمىدىن بۇيان تۆت ھەسسە ئېغىرلاشقان. ئۇ مۇخبىرغا: «ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، بىز قارشى تۇرماقچى بولغىنى ئىران، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ قىسمەن دۆلەت ئاپپاراتلىرى» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە 2023-يىلى «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نى ماقۇللاپ، جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايىتى، چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشى جىنايىتى، چەت ئەل كۈچلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىشى جىنايىتى قاتارلىق يېڭى تۈرلەرنى كۆپەيتكەن ۋە بۇ ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش، سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش ياكى سىياسىي تۈزۈمگە ئارىلىشىش ھەرىكەتلىرىنى قىيىنلاشتۇرماقچى بولغان.
مەت جۇكېسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيەنىڭ ئىلگىرىكى سايلام مەزگىللىرىگە سېلىشتۇرغاندا، نۆۋەتتە توردا خاتا ئۇچۇرلار كۆپىيىپ كەتكەن. ئۇندىن باشقا ساقچىلار يەنە ئۆكتىچىلەر ياكى سىياسىي رەقىبلەرنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.
مىكروسوفت شىركىتىنىڭ بۇلتۇر 11-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە، ئىران ۋە خىتاي بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇھىم سايلاملارنى تۈرلۈك مۇرەككەپ ئۇسۇللار بىلەن قالايمىقانلاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ