ئەنگلىيە سابىق باش ۋەزىرىنىڭ خىتايغا ھەربىي ئەسلىھە سېتىشنى ئاسترىتتىن قوللىغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئەنگلىيەنىڭ سابىق ۋەزىرى لىز تىراسنىڭ بۇلتۇر خىتايغا مىنا تازىلاش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىپ بېرىش ھەققىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە لوبىچىلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 19-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى لىز تىراس ئىزچىل تۈردە خىتايغا قارشى قاتتىق قوللۇقى بىلەن تونۇلغان بولۇپ، بۇ خىل قاتتىق مەيدانى بىلەن ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋە باش ۋەزىرى بولۇپ سايلانغاندىن باشقا، ئىستېپا بەرگەندىن كېيىنمۇ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ۋە شۇ ۋاقىتتىمۇ خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تەيۋەننى تېخىمۇ كۆپ قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇلتۇر ماي ئېيىدا تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە تەيۋەن كېلەچەك فوندى ئۈچ يېرىم مىليون دوللار سەرپ قىلىپ، لىز تىراسنى تەيۋەننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ھازىرقى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناكتىن خىتاينى ئەنگلىيەنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان، ھەتتا تەيۋەننىڭ دۇنيا ئەركىنلىكىنى قوغداش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ھالبۇكى، بۇ ھەپتە ئامېرىكىنىڭ سىياسەتچى تورى ئېلان قىلغان ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، لىز تىراس بۇلتۇر 8-ئايدا ئەنگلىيە سودا ئىشلىرى ۋەزىرى كېمى بېيدىنوكقا شەخسىي مەكتۇپ يېزىپ، خىتايغا دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى سېتىشنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ مەكتۇپىدا خىتايغا ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى سېتىش چەكلىمىسىنىڭ بەلكىم ئەنگلىيە شىركەتلىرىگە مىليونلىغان دوللار زىيان سالىدىغانلىقىنى، ھەتتا بۇ ساھەدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئېكسپورت قىلىشقا ئىجازەت بەرمىسە، خىتاينىڭ ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي ئەسلىھە تېخنىكىسىنى تەقلىد قىلىشى ۋە بۇ ئەسلىھەلەرنى خىتاينىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالغان.

سىياسەتچى تورىنىڭ خەۋىرىدە يەنە ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى «رىچموند مۇداپىئە سىستېمىسى»نىڭ لىز ترۇسنىڭ سايلام رايونى بولغان نورفولكقا جايلاشقانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئەنگلىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى ئىلگىرى بۇ شىركەتنىڭ مىنا تازىلاش ئۈسكۈنىلىرىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلىگەن. مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا مىنا كۆمۈش ئۈسكۈنىلىرىنى تەيۋەنگە سېتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەگەر ئەنگلىيە مىنا تازىلاش ئۈسكۈنىلىرىنى خىتايغا سېتىپ بەرسە، خىتاي تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلغان تەقدىردە، بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ خىتايغا ئوبدان ئەسقاتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سىياسەتچى تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر ۋە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى لىز تىراسنىڭ بۇ مەسىلىگە قول تىقىشىنىڭ تەيۋەن ۋە ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4300 قېتىم كۆرۈلدى
22/01/2024 11:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق