ياپونىيە ئامېرىكا بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى

ياپونىيە ئامېرىكا بىلەن 400 دانە «جەڭ پالتىسى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىغان بولۇپ، ئامېرىكا باش ئەلچىسى ياپونىيەنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ماختىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە 18-يانۋار ئامېرىكا بىلەن 400 دانە «جەڭ پالتىسى» ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. بۇ ياپونىيەنىڭ رايون تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى 2027-يىلىدىن ئىلگىرى يىللىق مۇداپىئە چىقىمىنى 10 تىرىليون يېن (68 مىليارد دوللار) غا كۆپەيتىشكە ۋەدە بەرگەن بولۇپ، بۇ پىلان بويىچە ياپونىيەنىڭ ھەربىي چىقىمى ئامېرىكا ۋە خىتايدىن قالسىلا دۇنيادا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى مىنورۇ كىخارا بۇلتۇر 12-ئايدا 2025-مالىيە يىلىدىن باشلاپ بىر قىسىم «جەڭ پالتىسى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ياپونىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى 12-تىپلىق يەر يۈزىدىن پاراخوتقا ھۇجۇم قىلالايدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنى قارار قىلغان. بۇ پىلان ئەسلىدىكى پىلاندىن بىر يىل ئالدىغا سۈرۈلگەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە ئەسكەرلىرىنى «جەڭ پالتىسى» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى ئىشلىتىش مەشغۇلاتى بويىچە تەربىيەلەش 3-ئايدا باشلىنىدىكەن.

خىتاي بىلەن شىمالى كورىيەنىڭ تەھدىتى سەۋەبلىك، ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بىخەتەرلىك مۇھىتىغا دۇچ كەلگەن. بۇ بىخەتەرلىك مۇھىتى ياپونىيەنى ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە مەجبۇرلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4365 قېتىم كۆرۈلدى
20/01/2024 12:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق