خىتاي پاي چېكى بازىرىنىڭ ئىزچىل ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتايدىكى يەرلىك ئورتاق فوندلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى.
بىلۇمبېرگ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 19-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي پاي چەكلىرىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، مۈلۈك باشقۇرۇش ساھەسى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان، بۇنىڭغا ماس ھالدا يەرلىك ئورتاق فوندلار تاقىلىش دولقۇنىنى باشتىن كەچۈرگەن.
2023-يىلى جەمئىي 240 يەرلىك ئورتاق فوند تاقالغان بولۇپ، بۇ بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سان بولۇپ قالغان. بۇ خىل يۈزلىنىش ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان 14 ئورتاق فوند ئاللىقاچان تاقىلىپ بولغاندىن باشقا، يەنە 24 ئورتاق فوند پات يېقىندا تاقىلىدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى يەرلىك ئورتاق فوندلارنىڭ مەبلەغ توپلىشىمۇ داۋاملىق تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا كەلگەن. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كاساتلىشىۋاتقان بازارغا نىسبەتەن ئىشەنچى يوقالغان. ئۇندىن باشقا خىتاي پاي چەكلىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى بۇ كىرىزىسنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەن. نەتىجىدە پارچە سېتىش سودىگەرلىرى ئورتاق فوندىغا مەبلەغ سېلىشتىن ۋاز كېچىپ، نەق پۇل ساقلاشقا باشلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ