خىتاي رېجىمى ئىلىكىدىكى بانكىلارنىڭ قەرزى شىددەت بىلەن ئاشقانلىقى سەۋەبلىك، بانكىدىن پۇلىنى ئالالمىغان ئامانەت قويغۇچىلار بانكىنى چاققان.
يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ گۈيجۇدىكى بىر يېزىدا غەزەپلەنگەن ئامانەت قويغۇچىلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى بۇزۇپ چاققان. شۇ يەردىكى ئامانەت قويغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، كىشىلەرنىڭ مەزكۇر ئىستېمالچىلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پۇل ئامانەت قويۇشىنىڭ سەۋەبى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئەتراپتىكى رايونلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولۇشى ئىكەن. خىتايلار «شەخسىي ئورگان ئەمەس، پۇل ئامانەت قويۇلسا ھېچقانداق مەسىلە بولمايدۇ» دەپ قاراپ، بۇ كوپىراتىپقا ئامانەت قويغان. ئەمما خىتاي رېجىمى ئىلىكىدىكى تەمىنلەش ۋە سېتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن مەسىلە چىققان.
ئامانەت پۇلىنىڭ يول بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن نۇرغۇنلىغان ئامانەت قويغۇچىلار ھەرقايسى مۇلازىمەت تارماقلىرىغا بېرىپ. ئامانەت پۇلىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ئامانەتنى قايتۇرۇلمىغانلىقى سەۋەبلىك توقۇنۇش كېلىپ چىققان. شۇ يەردىكى بىر ئامانەت قويغۇچى ئۆزىنىڭ بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا نەچچە مىڭ دوللار ئامانەت قويغانلىقىنى، بىر نەچچە ئايدىن بۇيان پۇلنى قايتۇرۇپ ئالالمىغانلىقىنى، باشقىلارنىڭمۇ زور مىقداردىكى پۇلىنى ئالالمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەر مەنبەلىرىدە ئېيتىلىشىچە، گۈيجۇ، خېنەندىكى يېزا بانكىلىرىنىڭ 700 كۈندىن بۇيان، ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ پۇللىرىنى ئېلىۋېلىشىغا يول قويمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى نۆۋەتتە خىتاينىڭ بانكا كەسپىگە كېڭەيگەن بولۇپ، خىتاي رېجىمى ئىلىكىدىكى بانكىلارنىڭ قەرزى شىددەت بىلەن ئېشىپ، كىچىك يېزا بانكىلىرىنىڭ مەبلىغى تۈگىگەن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، نۇرغۇنلىغان بانكىلارنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ئارقىمۇ ئارقا قولغا ئېلىنىشى ياكى تەكشۈرۈلۈشى ئالاھىدە دىققەت قوزغاپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ