دوكلات: خىتاي تۇتقۇن قىلغان ژۇرنالىستلارنىڭ يېرىمى ئۇيغۇر

ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى 18-يانۋار يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتقا 2023-يىلى خىتايدا قامالغان 44 ژۇرنالىستنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى 18-يانۋار (CPJ) 2023-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا بۇلتۇر يىل بېشىدىن 1-دېكابىرغىچە دۇنيا مىقياسىدا تۈرمىگە تاشلانغان ژۇرنالىستلارنىڭ سانلىق مەلۇماتى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ئەڭ كۆپ ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى بىر ئىچىدە خىتاي تۈرمىسىگە تاشلانغان 19 ئۇيغۇر مۇخبىرنىڭ دېلوسىغا نەزەر سالغاندا، خىتاي كوممۇنىست رېجىمى ئۆز ھاكىمىيىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى ھەر دائىم ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك»، «تېررورلۇق» دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.

2023-يىلىدىكى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا يېڭى قوشۇلغان، خىتاي بىر تەرەپ قىلغان بەش دېلونىڭ ئۈچى ئاتالمىش «جاسۇسلۇق»، «بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش ياكى ئاغدۇرمىچىلىق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلەر بولۇپ، ھەممىسى ژۇرنالىست ئىكەن.

ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جودى گىنسبېرگ: «مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ قانۇن قالايمىقان قىلىپ، ژۇرنالىستلارنى تۇتقۇن قىلىپ، باستۇرغانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. بۇ دەل مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشى بولۇپ، مەقسىتى تەنقىدىي ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇش» دېگەن.

دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇخبىرلىرى ۋە بىلوگ يازغۇچىلىرىغا قاراتقان باستۇرۇش ۋە ھۇجۇملىرى بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئالىم-ئۆلىمالىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىغا قىلغان زىيانكەشلىكلەرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە ئىجرا قىلغانلىقى، ھەتتا چەت ئەللەردىمۇ ئۇيغۇرلار، خۇسۇسەن ژۇرنالىستلار ۋە پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغىمۇ پاراكەندىچىلىك ياكى تەھدىت سېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتايدا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر مۇخبىرلار سانىنىڭ كۆپ بولۇشى خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك خاتىرىسىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ناچار ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتىلغان دەپسەندىچىلىكنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر بىر تۈركۈم دۆلەتلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ زىيانكەشلىك قىلىش، سۈرگۈن قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن بۇيان، خىتاي شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ئۇچۇر كونترولىنى قاتتىق كۈچەيتكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ دوكلاتتا ئاشكارىلانغانلىرىدىن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4293 قېتىم كۆرۈلدى
19/01/2024 17:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق