ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تەيۋەننى زىيارەت قىلماقچى

ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ نارازىلىقىغا پىسەنت قىلماي، پىرېزىدېنتلىق سايلامدىن كېيىنلا تەيۋەننى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىدى.

ئەنگلىيە مۇستەقىللىق گېزىتىنىڭ 18-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دېموكراتچىلار پارتىيەسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ داڭلىق پارلامېنت ئەزالىرى تەيۋەننى نۆۋەت بىلەن زىيارەت قىلىپ، يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنت لەي چىڭدېغا بولغان قوللىشىنى ئىپادىلەشنى پىلانلىغان. كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، ئىشقا ئاشماقچى بولغان بۇ زىيارەتكە دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئامى بېرا ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن ئاننى بارى بىلەن مارىيو دىياز بالارت قاتنىشىدىكەن. ئۇلار ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى تەيۋەن ئىشلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىرى ئىكەن.

نۆۋەتتە خىتاي خالىمايدىغان نامزاتنىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىشى ۋە سايلامدىن كېيىن كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ، دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ يېڭى پىرېزىدېتنى تەبرىكلەش، قوللاش ھەرىكەتلىرى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3945 قېتىم كۆرۈلدى
19/01/2024 17:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق