ئامېرىكا ئەلچىسى خىتاينىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى داۋاملىق ئاشكارىلاشقا ۋەدە بەردى

ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خىتاينىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىك ھەرىكىتىنى داۋاملىق ئاشكارىلايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.

ياپونىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ 18-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى راھم ئېمانۇئېل قەسەم قىلىپ، خىتاينىڭ ئىككى يۈزلىمىچى ۋە يوشۇرۇن ھەرىكەتلىرىنى داۋاملىق ئاشكارا ئەيىبلەيدىغانلىقى ۋە ئاشكارىلايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېمانۇئېل ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا بىر قاتار ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى غەزەپلەندۈرگەن. ئېمانۇئېل توكيودا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ بارلىق ئىككى يۈزلىمىچىلىك ھەرىكىتىنى، ئىقتىسادىي مەجبۇرلاش قىلمىشلىرىنى داۋاملىق ئاشكارىلايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «خىتاينىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ۋە سەمىمىي بولۇش مەجبۇرىيىتى بار» دېگەن.

ئۇندىن باشقا، ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى ۋە ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى، شۇنداقلا باش ئەلچى ئېمانوئىلمۇ قاتناشقان بىر مۇراسىمدا ياپونىيە ئامېرىكىدا ياسالغان «توماخاۋك» ناملىق 400 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىش ئۈچۈن رەسمىي ئىمزا قويغان.

ياپونىيە مۇساپىسى 1600 كىلومېتىرغا يېتىدىغان 400 دانە «توماخاۋك» بومبىسىنى سېتىۋېلىشنى رەسمىي ئىمزالاپ، ئەسلىدە 2026-يىلى تاپشۇرۇلۇشى پىلانلانغان بومبىلارنى بىر يىل بۇرۇن، يەنى 2025-يىلى تاپشۇرۇۋېلىشنى قارارلاشتۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3876 قېتىم كۆرۈلدى
19/01/2024 17:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق