پاكىستان ئىرانغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

پاكىستان ئىراننىڭ ئالدىنقى كۈنى پاكىستانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئىرانغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە يەتتە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئاۋسترالىيە ABC تورىنىڭ 18-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ئىرانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان بولۇپ، ھۇجۇمدا ئىران چېگراسى ئىچىدىكى بۆلگۈنچى قوراللىق كۈچلەرنى نىشان قىلغانلىقى بىلدۈرگەن. ھۇجۇمدا كەم دېگەندە يەتتە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇ ھۇجۇم رايوندىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى تېررورچىلار يوشۇرۇنغان جاينى نىشان قىلغان بىر يۈرۈش يۇقىرى ماسلاشتۇرۇلغان ۋە نىشانلىق ھەربىي زەربە بېرىش ھەرىكىتى دەپ سۈپەتلىگەن. پاكىستان چارشەنبە كۈنى ئىراننىڭ پاكىستان چېگراسى ئىچىگە جايلاشقا ئورۇنغا ھۇجۇم قىلىپ ئىككى بالىنى ئۆلتۈرگەن. ئىران ھۇجۇمدا پۇقرالارنى نىشانلىغانلىقى سەۋەبلىك، پاكىستان ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەنىدى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان پاكىستاننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھىندىستان بولسا ئىراننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان زەربە بەرگەن قوراللىق تەشكىلات پاكىستاننىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسىدە ھەرىكەت قىلىدىغان بەلۇجىستان ئازادىلىك ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەشكىلات ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەزكۇر قوراللىق تەشكىلات خىتاي بىلەن پاكىستان ھەمكارلىقىدا قۇرۇپ چىققان «خىتاي-پاكىستان سودا كارىدورى» دەپ ئاتالغان تۆمۈر يول ۋە كارىدوردا خىزمەت قىلىۋاتقان خىتاي ئىنژېنېرلىرىغا بىر قانچە قېتىم زەربە بەرگەن. ئاتالمىش «خىتاي-پاكىستان سودا كارىدورى» شەرقىي تۈركىستاندىن باشلانغان تۆمۈر يول بولۇپ، خىتاي بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ چەت ئەلگە توشۇماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3815 قېتىم كۆرۈلدى
19/01/2024 17:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق