خىتاينىڭ نوپۇسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش بىلەن بىرگە، نوپۇسنىڭ قېرىش نىسبىتىنىڭ ئاشقانلىقى ئېلان قىلىندى.
خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 17-يانۋار نوپۇسقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ۋاڭ يى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2023-يىلى خىتاينىڭ نوپۇسى كۆرۈنەرلىك ئازايغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن بىر مىليارد 409 مىليون 670 مىڭ بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىككى مىليون 80 مىڭ نوپۇس ئازايغان. بۇ خىتاي نوپۇسنىڭ ئۇدا ئىككى يىل ئازىيىشى ئىكەن. بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، 2023-يىلى خىتاي نوپۇسنىڭ ئازىيىش نىسبىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئىككى ھەسسىدىن ئېغىر بولغان.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا بۇلتۇر تۇغۇلغان نوپۇس 9 مىليون 20 مىڭ، تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰6.39 بولۇپ، 1949-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن رېكورتنى ياراتقان. ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 11 مىليون 100 مىڭ، ئۆلۈش نىسبىتى ‰7.87 بولۇپ، ئۇدا ئۈچ يىل ئاشقان. نوپۇسنىڭ تەبىئىي ئېشىش نىسبىتى مىنۇس ‰1.48 بولغان.
ياش قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن بۆلگەندە، 16 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس 864 مىليون 810 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن خىتاي نوپۇسىنىڭ %61.3 نى ئىگىلىگەن ۋە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس ئازايغان. 60 ياشتىن يۇقىرى نوپۇس 296 مىليون 970 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن خىتاي نوپۇسىنىڭ %21.1 نى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەر 216 مىليون 760 مىڭ بولۇپ، بۇ پۈتۈن خىتاي نوپۇسىنىڭ %15.4 نى ئىگىلىگەن. نەتىجىدە خىتاي نوپۇسنىڭ قېرىش نىسبىتى 2022-يىلىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ روشەن ئاشقان.
كۆزەتكۈچىلەر بىر دۆلەت نوپۇسىدا قېرىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئېغىر كىرىزىس ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشكە يۈزلەنگەنلىكىنى، بۇ ئىككى كىرىزىسنىڭ كەلگۈسىدە خىتاينى داۋاملىق ھالسىرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ