كانادا خىتاينىڭ 85 تەتقىقات ئورگىنىنى كانادانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.
كانادا يەرشارى خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى 16-يانۋار خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ چەت ئەلدىكى 100 دىن ئارتۇق تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 85 ئورگان خىتايغا تەۋە ئىكەن. قاراردا ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ خىتايدىكى ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى، بۇ ئورگانلارنىڭ كانادانىڭ بىخەتەرلىكى، سەزگۈر تەتقىقات ئورگانلىرىغا تەھدىت ئىكەنلىكى، تىزىملىكتىكى ئورگانلار بىلەن ھەمكارلاشقان تەتقىقاتچىلارنىڭ كانادا فېدېراتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ ياردەم خىراجىتىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقى ۋە رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كانادا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان 103 ئورگان ئىچىدە خىتاينىڭ 85 تەتقىقات ئورگىنى بار بولۇپ، ئۇلار خىتاي دۆلەت مۇداپىئە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، خىتاي ئارمىيەسى ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە خاربىن قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرسىتېتى، خۇنەن ئۇنىۋېرسىتېتى، سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتى، تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىئەن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار ئىكەن. ئۇلاردىن باشقا يەنە 12 تەتقىقات ئورگىنى ئىراننىڭ، ئالتە ئورگان رۇسىيەنىڭ ئىكەن.
خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى يۇقىرىقى باياناتقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كانادانىڭ ئاساسسىز ھالدا دۆلەت بىخەتەرلىك خەۋپىنى باھانە قىلىپ، نورمال پەن-تېخنىكا مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنى سىياسىيلاشتۇرغانلىقىنى، خىتاي ۋە كانادا پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرىنىڭ ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن نارازى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ