خىتاي تەيۋەنگە قارشى قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى

خىتاي رېجىمى چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشى ۋە مۇستەقىلچىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تەيۋەننى قورال كۈچى ئارقىلىق كونترول قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، ئەمما تەيۋەن خەلقىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان بىر تەرەپلىمە قارىشىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى دەۋا قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 17-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان تەيۋەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيەسى خىتاي داۋا قىلىۋاتقان ئىگىلىك ھوقۇقى تەلىپىنى رەت قىلىپ، بېيجىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان. خىتاي كوممۇنىست رېجىمى تەيۋەننىڭ يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتى لەي چىڭدېنى خەتەرلىك بۆلگۈنچى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلماقتا.

خىتاي رېجىمى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى چېن بىنخۇا چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تەيۋەننىڭ سايلام نەتىجىسىنىڭ تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك ئورنىنى تەۋرىتەلمەيدىغانلىقىنى، ئاخىرىدا تەيۋەننىڭ خىتايغا قوشۇۋېلىنىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

چېن بىنخۇا باياناتىدا: «بىز قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىش ھەققىدە ۋەدە بەرمەيمىز. بۇ بايانىمىز ئەلۋەتتە تەيۋەن خەلقىگە قارىتىلمىغان، بەلكى سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئىنتايىن ئاز ساندىكى تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى نىشان قىلغان بۆلگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە قارىتىلىدۇ» دەپ جار سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3423 قېتىم كۆرۈلدى
18/01/2024 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق