ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خىتايغا توشۇش ئۈچۈن، مەخسۇس يېڭى تۆمۈر يول لىنىيەسى تەسىس قىلغان.
شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خىتايغا توشۇش ئۈچۈن يېڭىدىن تەسىس قىلغان يېڭى تۆمۈر يولىدا 15-يانۋار توشۇشنى رەسمىي باشلىغان. خەۋەردە شۇ كۈنى 3500 توننا كۆمۈر قاچىلانغان پويىزنىڭ جياڭجۈنمياۋ ۋوگزالىدىن نوم ۋوگزالىغا قاراپ يولغا چىققانلىقى، خۇڭليۇخې-نوم تۆمۈريولىنى تۇتاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش يېڭى يولىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى، بۇ يول ئارقىلىق خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، جياڭجۈنمياۋ-نوم تۆمۈريولى سانجىدىن قومۇلغىچە تۇتىشىدىغان بولۇپ، لىنىيە غەربتە ئۈرۈمچىنىڭ شىمالى-جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىدىكى جياڭجۈنمياۋ ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، شەرقتە خۇڭليۇخې-نوم تۆمۈريولىدىكى نوم ۋوگزالىدا ئاخىرلىشىدىكەن. خۇڭليۇخې-نوم تۆمۈريولى ئارقىلىق لەنجۇ-شەرقىي تۈركىستان تۆمۈر يولىغا ئۇلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا چىقىدىكەن. بۇ يول شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ توشۇيدىغان شىمالىي قىسىم تۆمۈر يولى ئىكەن. غول لىنىيەنىڭ ئۇزۇنلۇقى 429.9 كىلومېتىر بولۇپ، خىتاي بۇ قۇرۇلۇشنى 2021-يىلى 4-ئايدا باشلىغان.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىق زاپىسى مول بولۇپ، خىتاي 2023-يىلى تۆمۈر يول ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ توشۇغان كۆمۈر 60 مىليون 331 مىڭ توننىغا يەتكەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ئېلىپ كېتىۋاتقان بارلىق يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرىغا ئائىت خىتاي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچسىز ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ نەچچە ئون ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى، بايلىقنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يەنىلا موھتاجلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، خىتاي بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستاندا مەخسۇس تۆمۈر يول تەسىس قىلىش ئارقىلىق، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش كۆلىمىنى، لىنىيەلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ