تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىدىغان پارتىيە بۇ قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ خام خىياللىرى ئىشقا ئاشمىغانىدى. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ سايلامدا غەلىبە قىلغان پارتىيەنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئارقا – ئارقىدىن تەبرىكلىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلماقتا.
سىنگاپور تەيۋەننىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيەسىنىڭ نامزاتى لەي چىڭدېنىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئارقىدىن خىتاي سىنگاپورغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دىپلوماتىك ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
بىلۇمبېرگ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 16-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، سىنگاپور تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرى تەيۋەن ۋە تەيۋەن خەلقى بىلەن يېقىن ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى، ئاتالمىش «بىر خىتاي» سىياسىتىگە ئاساسەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
سىنگاپور قوشنىلىرىغا ئوخشاش، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان گېئوپولىتىكىلىق رىقابەت ئارقا كۆرۈنۈشىدە، خىتاي ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان چوڭقۇر مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تىرىشماقتىكەن. ئەمما بۇ قېتىم سايلامدا غەلىبە قىلغان لەي چىڭدېنى تەبرىكلىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ