خىتاي بىلەن فىلىپپىننىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يىرىكلەشتى

خىتاي فىلىپپىننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىپ، پىرېزىدېنت ماركوسنىڭ تەيۋەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان لەي چىڭدېنى تەبرىكلىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 16-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس بايانات ئېلان قىلىپ، لەي چىىڭدېنىڭ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاي رېجىمى فىلىپپىننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

 رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت فېردىناند ماركوس تەيۋەننىڭ يېڭى رەھبىرى لەي چىڭدېنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن، فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر خىتاي سىياسىتى»نى قايتا تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 16-يانۋار فىلىپپىننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، فىلىپپىننىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى باياناتىدا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، لەي چىڭدې ئالدىنقى شەنبە كۈنى تەيۋەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەننىڭ ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ھەمدە تەيۋەننى خىتاينىڭ قوشۇۋېلىش تەھدىتىدىن قوغداشقا ۋەدە بەرگەن.

فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس دۈشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا لەي چىڭدېنىڭ تەيۋەنگە پىرېزىدېنت بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى باشلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1701 قېتىم كۆرۈلدى
17/01/2024 12:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق