ئانالىزچىلار ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئاسىيادىكى تېز سۈرئەتتە كۈچىيىۋاتقان تەسىرىدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ زومىگەرلىكىنى توسۇپ قالالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
16-يانۋار «تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلىدا بۇ توغرۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىدىن ئېشىپ كېتەلمىگەنلىكى، بۇ ئەھۋالدا ئامېرىكا تەڭپۇڭلۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ئەڭ ئەۋزەل ئىستراتېگىيەنى قوللىنىشى كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ماقالىدە ئاسىيا رايونىدا ھەربىي ھۆكۈمرانلىقنى قوغلىشىش سىجىل بولمىغانلىقى، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن ۋە مۇھىم دېڭىز رايونلىرىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ماقالىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى كۆپ تەرەپلىك ئورگانلارنى تېخىمۇ ياخشى يېتەكلەش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ۋە تەسىرىنى كېڭەيتىش كېرەكلىكى، پەقەت ئامېرىكىنى ئاساسىي مەركەز قىلغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگىلا تايىنىۋالماسلىق كېرەكلىكىدەك تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە يەنە رايوندىكى تەڭپۇڭلۇقنى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ بەلكىم تەڭپۇڭلۇق پىلانىنىڭ خىتاينى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىغا نىسبەتەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىنى تاشلىۋەتكەنلىك ئەندىشىسىنى قوزغىشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنغان. ئەمما ماقالىنىڭ ئاخىردا تەڭپۇڭلۇق تەدبىرىنىڭ تېخىمۇ سىجىل ۋە خەتەرسىز ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇ رايوننىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورنى، شارائىتىغا مۇۋاپىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ