خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەيۋەنگە يەنە تەھدىت سالدى

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تەيۋەن ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا تەيۋەنگە تەھدىت سالدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ شياۋگاڭ تەيۋەن دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيەسىنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، تەيۋەن دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغلىرىنى سېتىۋالسىمۇ، خىتاينىڭ «بىرلىككە كېلىش» ۋەزىيىتىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جار سالغان.

بىر مۇخبىر جاڭ شياۋگاڭدىن تەيۋەندە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان F-16V block 20 تىپلىق 140 كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ھەممىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى، 2026-يىلىدىن بۇرۇن يەنە ئامېرىكىدىن F-16V block 70 تىپلىق 66 كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋالغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق باھا بېرىدىغانلىقىنى سورىغان.

جاڭ شياۋگاڭ جاۋابىدا دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيەسى دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكىدىن قورال-ياراغ سېتىۋالسىمۇ، خىتاينىڭ بىرلىككە كېلىش ۋەزىيىتىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت پەقەت تەيۋەننى ئۇرۇش ئوتىغا سۆرەشتەك خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى، خىتاي ئارمىيەسى بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەرقانداق يوسۇندىكى تەيۋەن مۇستەقىللىقى ھەرىكىتىنى تارمار قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1491 قېتىم كۆرۈلدى
17/01/2024 12:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق