ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي رېجىمىنى ئون يىلدىن بېرى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىلھام توختىنى دەرھال شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
خىتاي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى، ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختى ئون يىل ئىلگىرى 15-يانۋار خىتاي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، كېيىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي رېجىمىنى ئىلھام توختىنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
باياناتتا ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك جىنايەتلىرىگە قارشىلىق بىلدۈرگەنلەرنى جازالاپ كەلگەنلىكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ئىلھام توختىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇۋېتىشكە دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇۋېتىشكە چاقىرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» دېگەن تۆھمەت بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان پىروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسى باشتىن-ئاخىر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى خىتاينى كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەن. 2021-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى تۈرمىگە بېرىپ، ئىلھام توختىنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىلھام توختى 2014-يىلى ئۆكتەبىردە مارتىن ئېنالس ئىنسان ھەقلىرى قوغدىغۇچىسى مۇكاپاتىغا، 2019-يىلى ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى. نۆۋەتتە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ئىلھام توختىنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ