ياپونىيە تەيۋەننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتىنى تەبرىكلىدى، خىتاي نارازىلىق بىلدۈردى

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ لەي چىڭدېنىڭ تەيۋەندىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققانلىقىنى تەبرىكلىشى خىتاينى بىئارام قىلدى.

13-يانۋار تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيەسىنىڭ نامزاتى لەي چىڭدې ئۇتۇپ چىققاندىن كېيىن، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى يوكو كامىكاۋا ئۇنى ئالاھىدە تەبرىكلىگەن ۋە تەيۋەن بىلەن ياپونىيەنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

بېيجىڭ گېزىتىنىڭ 14-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئۈندىدار ھېسابى ئارقىلىق، ياپونىيە تەرەپنىڭ تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىنى تەبرىكلىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتاي ئەلچىخانىسى باياناتىدا تەيۋەندىكى سايلامنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكى، ياپونىيە تەرەپنى تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش تارىخى ئۈستىدە ئويلىنىشقا چاقىرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

خىتاي ئەلچىخانا باياناتچىسى: «تەيۋەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئاشكارا تەبرىكلىدى. بۇ ھەرىكەتلەر خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق. خىتاي تەرەپ ياپونىيەگە نارازىلىق بىلدۈرىدۇ» دېگەن.

باياناتچى ياپونىيە تەرەپنى تەيۋەن مەسىلىسىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، «تەيۋەن مۇستەقىلچى كۈچلىرى»گە خاتا سىگنال بەرمەسلىككە، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە كاشىلا پەيدا قىلماسلىققا چاقىرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1575 قېتىم كۆرۈلدى
16/01/2024 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق