رويتېرس ئاگېنتلىقى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قويغان ئېكسپورت چەكلىمىسىگە قارىماي، خىتاينىڭ ھەربىي ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورگانلىرىنىڭ يەنىلا Nvidia نىڭ ئىلغار ئۆزەكلىرىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى ۋە ئۆزەكلەرنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى قاتتىق كونترول قىلغان بولسىمۇ، ئەمما رويتېرس ئاگېنتلىقى خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى ۋە باشقا ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ھەربىي ئورگانلىرى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سۈنئىي ئىدراك تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا يەنىلا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەن Nvidia نىڭ ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەكلىرىنى مەلۇم مىقداردا سېتىۋالغانلىقىنى بايقىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقى 15-يانۋار ئېلان قىلغان مەخسۇس خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بۇ ئىلغار ئۆزەكلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان تەمىنلىگۈچىلەر ئارقىلىق ئېرىشكەن بولۇپ، خىتاينىڭ ھەربىي ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تەتقىقات ئاپپاراتلىرى مەزكۇر ئىلغار ئۆزەكلەر ئارقىلىق سۈنئىي ئىدراك تەتقىقاتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشى ياكى بۇلارنى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە مۇرەككەپ كومپيۇتېرلىرىدا ئىشلىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
خىتاي ئېرىشكەن بۇ ئىلغار ئۆزەكلەر A100 ۋە تېخىمۇ ئىلغار H100 ئۆزىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ بۇ ئىككى خىل ئۆزەكنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەن. خىتاي سېتىۋالغان ئۆزەكلەر يەنە Nvidia شىركىتى مەخسۇس خىتاي بازىرى ئۈچۈن تېخنىكىلىق ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ ياسىغان A800 ۋە H800 دىن ئىبارەت ئىككى ئۆزەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى ئۆزەكنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشىنىمۇ بۇلتۇر ئۆكتەبىردە چەكلەشكە باشلىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق بايقاش ئامېرىكىنىڭ ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى ۋە ئۆزەك بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۈزۈل-كېسىل كونترول قىلىشىنىڭ قانچىلىك قىيىنلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ