خىتاي داۋۇس يىغىنىدىن بۇرۇنقى دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىلىرى يىغىنىغا قاتناشمىدى

54-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى داۋۇس يىللىق يىغىنى 15-يانۋار باشلانغان بولۇپ، 19-يانۋار ئاخىرلىشىدىكەن. خىتاي داۋۇس يىغىنىغا باش مىنىستىرى لى چاڭ قاتارلىق كۆپلىگەن ئەمەلدارلىرىنى، تەتقىقاتچىلىرىنى، سودىگەرلىرىنى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، داۋۇس يىغىندىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ھەل قىلىش مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىلىرى يىغىنىغا ۋەكىل ئەۋەتمىگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 14-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىلىرى يىغىنىنى ئۇكرائىنا تەشكىللىگەن بولۇپ، ئاسىيا قىتئەسىدىن 18 دۆلەت، ئافرىقا قىتئەسىدىن 12 دۆلەت ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىدىن ئالتە دۆلەت قاتناشقان. تىنچلىق پىلانىغا ئاساس سالىدىغان مەزكۇر يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك يىغىندا شىۋېيتسارىيە فېدېراتىپ كومىتېتى ئەزاسى ئىگنازىيو كاسىس ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، خىتاينىڭ كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يىغىندا تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىغا خىتاينىڭ قاتنىشىشىنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 80 دىن ئارتۇق ئەمەلدارنىڭ ئۇچرىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىن ئۇكرائىنا تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تۆتىنچى قېتىملىق يىغىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1363 قېتىم كۆرۈلدى
16/01/2024 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق