خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ كۈرەشچى ئايروپىلان سودىسى دىققەت قوزغىدى

خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلان سودىسى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە ئانالىزچىلىرى پاكىستاننىڭ خىتايدا ياسالغان كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلاننى سېتىۋېلىش قارارىنىڭ رايوندىكى ھاۋا ئارمىيە كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتىپ، ھىندىستاننىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا بېسىم قىلىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان.

پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىشتاب باشلىقى زاھىر سىدھۇ خىتاينىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، سېتىۋېلىش تاماملانغاندىن كېيىن، بۇ يېڭى كۈرەشچى ئايروپىلانلار پاكىستان ئارمىيەسىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ئامېرىكا ئىشلەپچىقارغان F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئىلگىرىكى نۇسخىلىرىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ قورال-ياراق سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى نەچچە ئون يىلغا سوزۇلغان بولۇپ، پاكىستان ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ئېنىقسىزلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، پاكىستان ھاۋا ئۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان پەيتلەردە خىتايدىن قورال-ياراغ سېتىۋالغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستاننىڭ «FC-31 / J-31» ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى سېتىۋېلىش پىلانى خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئورتاق رەقىبى ھىندىستانغا تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. پاكىستاننىڭ بۇ پىلانى ھىندىستانغا بېسىم قىلىپ، ھىندىستاننى ئامېرىكا ئىشلەپچىقارغان F-35 ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق چېگرا رايونلاردىكى ھاۋا ئارمىيەسى كۈچىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ساقلاشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1719 قېتىم كۆرۈلدى
15/01/2024 17:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق