تەيۋەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا خىتاي خالىمايدىغان دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيەسىنىڭ نامزاتى غەلىبە قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇندىن كېيىن قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تەيۋەن دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى لەي چىڭدې 13-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا 5 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق بېلەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، قوللاش نىسبىتى %40 تىن ئېشىپ ئۇتۇپ چىققان. بۇ تەيۋەننىڭ دېموكراتىيەلىشىش يولىغا ماڭغاندىن بۇيان، بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ سايلامدا ئۇدا ئۈچىنچى قېتىم غەلىبە قىلىش ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە تۇنجى قېتىم تارىخىي رېكورت ياراتقان.
ئامېرىكا CNN قانىلىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە، تەيۋەن خەلقئارادا تېررىتورىيەسى كىچىك، نوپۇسى ئاز بولسىمۇ، ئەمما دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك شىركىتى ۋە باشقا يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەرگە ئىگە بولغانلىقى سەۋەبلىك، لەي چىڭدېنىڭ سايلامدىكى غەلىبىسىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتىكەن.
تەيۋەن سايلىمىدىن ئىلگىرى خىتاي كوممۇنىست رېجىمى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى لەي چىڭدېنى «جاھىل تەيۋەن مۇستەقىللىق تەشەببۇسچىسى» دەپ كۆپ قېتىم ئەيىبلەپ، تەيۋەن سايلىغۇچىلىرىنى سايلامدا بېلەت تاشلىغاندا ئۇرۇش بىلەن تىنچلىق، گۈللىنىش بىلەن خارابلىشىش مەسىلىسىنى ئوبدان ئويلىشىشقا چاقىرىپ تەھدىت سالغان ۋە بۇ ئارقىلىق پىرېزىدېتنلىق سايلىمىنى قالايمىقان قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئومۇمىي سايلام نەتىجىسىدىن قارىغاندا، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ تەھدىت ئارىلاشقان ساختا تەشۋىقاتلىرى تەيۋەن سايلىغۇچىلىرىنىڭ بېلەت تاشلاشتىكى مەيدانىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەن.
CNN نىڭ خەۋىرىدە يەنە لەي چىڭدې سايلانغاندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە تەيۋەنگە قارشى ئۇرۇش قوزغاش نىيىتى يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكى، ئەمما تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي ياكى ئىقتىسادىي بېسىمىنىڭ كۈچىيىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
سايلام نەتىجىسىدىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىۋاسىتە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «تەيۋەن مۇستەقىللىقى يۆنىلىشىدىكى ھەرقانداق ھەرىكەت ئېغىر جازاغا ئۇچرايدۇ... تەيۋەن ئەزەلدىن بىر دۆلەت بولۇپ باقمىغان، بۇندىن كېيىنمۇ بولمايدۇ» دەپ جار سالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ