خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ پاراخوتى شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان دېڭىزغا يەنە ئۈسۈپ كىردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى 11-يانۋار سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز رايونىنى چارلىغان بولۇپ، خىتاي بۇنى ئۆزىنىڭ ھوقۇقنى قوغداش ھەرىكىتى، دەپ جار سالغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بىلەن ياپونىيە ھەر ئىككى تەرەپ شەرقىي دېڭىزدىكى كىچىك ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. ياپونىيە بۇ ئاراللارنى سېنكاكۇ، خىتاي بولسا بۇ ئاراللارنى دياۋيۈ ئارىلى دەپ ئاتاپ كەلگەن بولۇپ، ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن.
ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ تۆت پاراخوتىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئايرىلىشقا كۆپ قېتىم چاقىرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 18-دېكابىردىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشى ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ