ھىندونېزىيە پىرېزىدېنت نامزاتلىرى نۆۋەتتىكى جەنۇبىي دېڭىز ماجىراسىنى ھەل قىلىش مەسىلىسىدە بىر پىكىرگە كېلەلمىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش ۋە ھىندونېزىيەنىڭ خىتاي بىلەن قانداق مۇناسىۋەت ئورنىتىش مەسىلىسى ھەققىدە، مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا دۆلەت مەركىزىي تېلېۋىزىيە قانىلىدا پىرېزىدېنت نامزاتلىرى مۇنازىرە پىروگراممىسى قىلغان. ھىندونېزىيە خەلقى 14-فېۋرال يېڭى پىرېزىدېنت سايلاپ چىقىدىغان بولۇپ، يېقىنقى مۇنازىرىلەردە بۇ دۆلەتنىڭ ئۈچ پىرېزىدېنت نامزاتى بىخەتەرلىك، گېئوپولىتىكا ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.
تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈچ نامزاتنىڭ خىتاي بىلەن قانداق مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە، ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان كەچۈرمىشلىرى جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھىندونېزىيە دېموكراتىك كۈرەش پارتىيەسىنىڭ نامزاتى گانجار پىرانوۋو: «جەنۇبىي دېڭىز تالاش-تارتىشلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللانغان ھەر خىل تەدبىرلەر ھەرىكەت مىزانى ھۆججىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان (جەنۇبىي دېڭىزدىكى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىدىكى خىتابنامە) پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى» دېگەن.
گانجار بۇ مەسىلىدە خىتاي بىلەن ۋاقىتلىق كېلىشىم تۈزۈشنى قوللاپ، ھىندونېزىيەنىڭ دېڭىز-ئوكيان ھەربىي كۈچى ۋە چارلاشنى كۈچەيتىش ھەمدە ھىندونېزىيە بىلەن ۋىيېتنام ۋە جەنۇبىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى شىمالىي ناتۇنا دېڭىزىدىكى تەبىئىي گاز زاپىسىنى قېزىشنى باشلاشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە بۇ رايوندا چارلاۋاتقان دېڭىز پاراخوتلىرىنى تولۇقلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ