خىتاي بىلەن ئامېرىكا يەنە بىر كېلىشىمنى ئۇزارتتى

خىتاي بىلەن ئامېرىكا خىتاي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئامېرىكىغا قانۇنسىز كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى ئۇزارتتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 11-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي-ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا نوتا ئالماشتۇرۇپ بېكىتىشى ئارقىلىق، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كونا تاش قوراللار دەۋرىدىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان تۈرگە ئايرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللار ۋە كەم دېگەندە 250 يىلدىن يۇقىرى قەدىمىي يادىكارلىقلار، ھەيكەللەر ۋە تام سەنئىتىنى ئىمپورت قىلىشقا چەك قويۇش توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى ئۇزارتقان. يېڭى نۇسخا كېلىشىم 2024-يىل 14-يانۋار كۈچكە ئىگە بولۇپ، كۈچكە ئىگە مۇددىتى بەش يىل ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە خىتاي-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ 2009-يىلى 14-يانۋار تۇنجى قېتىم مەزكۇر كېلىشىمنى ئىمزالىغان بولۇپ، 2014-يىلى ۋە 2019-يىلى داۋاملىق ئۇزارتىلغان. بۇ مەزگىلدە ئامېرىكىغا ئېلىپ كېتىلگەن 15 تۈركۈم، 504 مەدەنىيەت يادىكارلىقى، سەنئەت بۇيۇمى خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. 2023-يىلى 12-ئايغىچە خىتاي ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 26 دۆلەت بىلەن مۇشۇ تۈردىكى ھۆكۈمەتلەر ئارا ھۆججەتنى ئىمزالىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1800 قېتىم كۆرۈلدى
13/01/2024 16:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق