دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ 6-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى 6-يانۋار قاتار پايتەختى دوھادا باشلانغان بولۇپ، 11-يانۋار غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان ئەللىرىدىن كەلگەن داڭلىق ئالىملار، مۇتەپەككۇرلار ۋە بىرلىك ئەزالىرى بولۇپ جەمئىي مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى. مەزكۇر يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلدى.
بەش كۈن داۋاملاشقان يىغىندا ئالدى بىلەن ئىسلام دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندە ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئارقىدىن ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا تۇتقان مەيدانى بايان قىلىنغان.
يىغىندا يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چەتكە قېقىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنىپ، ئىسلام دۇنياسىدىكى ئۆلىمالارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەسئۇلىيەتلىرى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
يىغىندا بىرلىك ئەزالارنىڭ بىردەك مۇزاكىرە قىلىشى ئارقىلىق بىرلىكنىڭ نىزامنامىسىگە قىسمەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بىرلىكنىڭ رەئىسى، ئالتە مۇئاۋىن رەئىسى ۋە 40 كىشىلىك ئىجرائىيە مەسئۇللىرى سايلاپ چىقىلغان. بىرلىكنىڭ رەئىسلىكىگە ئەلى مۇھىددىن قاراداغىي، مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تۈركىيە دىيانەت باشقارمىسىنىڭ سابىق رەئىسى مەھمەت گۆرمەز سايلانغان. بىرلىكنىڭ ئىجرائىيە ئەزالىقىغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ سابىق رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار سايلانغان.
يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى يىغىن جەريانىدا ھەر قايسى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئۆلىمالار بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان.
ئۇندىن باشقا ئۇستازلار يەنە خىتاينىڭ مەزكۇر جىنايى قىلمىشىلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىدىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىسلام ئەللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەسلىكى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن.
خىتاي رېجىمى يىغىنغا قاتناشقان ئۆلىمالارنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن بىر قانچە تۇڭگان، خوڭكوڭدىن بىر قانچە كىشىنى بۇ يىغىنغا قاتنىشىشقا ئەۋەتكەن. ئۇلار خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئايرىم سورۇنلاردا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە مۇسۇلمان ئالىملارغا خىتاينى ئاقلاپ، ئۇيغۇرلارنى قارىلاشقا ئۇرۇنغان.
يىغىن ئاخىرىدا خۇلاسە دوكلات ئوقۇپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمۇ تىلغا ئېلىنغان. ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى تۈركىيەنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئورۇنلاشتۇرغان تۈركىيەدىن يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلارغا بەرگەن كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشقان. زىياپەتتە ۋەكىللەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ