دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ھازىرمۇ تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ يەنىلا تەھدىت ئىكەنلىكىنى، بۇلتۇر 12-ئايدا 10 مىڭ كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى تېدروس ئادھانوم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا، دەم ئېلىش مەزگىلىدە كىشىلەرنىڭ توپلىشىپ يىغىلىشى سەۋەبلىك، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ بۇلتۇر 12-ئايدا پۈتۈن يەر شارىدا تېز سۈرئەتتە يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 12-ئايدا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن قازا قىلغانلار 10 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، 11-ئايغا سېلىشتۇرغاندا دوختۇرخانىدا ياتقان بىمارلار %42، ئېغىر كېسەل سەۋەبلىك كۆزىتىشنى قوبۇل قىلغان بىمارلار %62 كۆپەيگەن. گەرچە خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى نۆۋەتتە خەلقئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا داۋاملىق تارقىلىپ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزمەكتىكەن.

تېدروس ئادھانوم ئاخىرىدا گەرچە بىر ئاي ئىچىدە يېڭىدىن ئۆلگەنلەر 10 مىڭغا يېقىنلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ئۆلۈمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ساننى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى داۋاملىق يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، خىتاي ۋىرۇسىغا قارىتا گېن تەرتىپىنى ئۆلچەش ھەمدە خەلق قوبۇل قىلالايدىغان، ئىشەنچلىك تەكشۈرۈش، داۋالاش ۋە ۋاكسىنا ئەملەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1862 قېتىم كۆرۈلدى
12/01/2024 16:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق