خىتاي تەيۋەن پىرېزىدېنت نامزاتىغا تەھدىت سالدى

خىتاي تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقى يولىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، چېگرا ھالقىغان توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك ھالەتكە كېلىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي 10-يانۋار تەيۋەندىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى لەي چىڭدېغا تەھدىت سېلىپ، ئىككى قىرغاق توقۇنۇشۇپ قالىدىغان چېكىدىن ئاشقان خەتەرنى قوزغىتىپ، تەيۋەننى ئۇرۇش ۋە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىگە سۆرەپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە كۆپ قىسىم تەيۋەنلىكلەرنىڭ بۇ مۇھىم سايلامدا توغرا تاللاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

13-يانۋار تەيۋەندە پىرېزىدېنتلىق ۋە قانۇن پالاتاسى سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، گىئوپولىتىكىلىق جىددىيچىلىك ئىچىدە تۇرۇۋاتقان رايوندىكى بۇ سايلامغا خەلقئارا جەمئىيەت يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.

خىتاي كوممۇنىست رېجىمى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى چېن بىنخۇا چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا، لەي چىڭدېنىڭ جاھىل تەيۋەن مۇستەقىلچىسى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ قالسا، تەيۋەن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

چېن بىنخۇا يەنە تەھدىت سېلىپ: «لەي چىڭدې ياراتماقچى بولغان يېڭى ۋەزىيەت دەل تەيۋەن بوغۇزىدا ئەۋجىگە چىققۇسى خەتەرلىك ۋەزىيەتتۇر» دېگەن.

خىتاي تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان باياناتتا: «سەي يىڭۋېننىڭ يولى تەيۋەن مۇستەقىللىق يولى ھەمدە قارشىلىشىش، زىيان يەتكۈزۈش، تەيۋەنگە ئۇرۇش خەۋپى بولىدىغان يولدۇر. ئىجتىمائىي بۆلۈنۈش، قارشىلىشىش ۋە كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش يولىنىڭ تۈپ مەنبەسى مۇستەقىللىق، قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە كونا قارشىلىشىش يولىغا مېڭىش» دەپ تەھدىت سېلىنغان.

 تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1917 قېتىم كۆرۈلدى
12/01/2024 15:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق