خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «2024-يىللىق يەرشارىۋى دوكلات»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى باستۇرۇش سىياسىتى تېخىمۇ كۈچىيىپ، خوڭكوڭنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ، ئامېرىكا قاتارلىق بىر تۈركۈم دۆلەتلەرنىڭ قىسقا مۇددەتلىك سىياسىي مەنپەئەت ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېغىر بولغان دۆلەتلەرنى ئەيىبلەشكە سەل قارىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى 11-يانۋاردىكى خەۋىرىدە مەزكۇر دوكلاتنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى ئون يىل ئىچىدە پۈتۈن خىتايدىكى ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلارنى باستۇرۇشنىڭ بارغانچە كۈچەيگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئاللىبۇرۇن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ خوڭكوڭدا ئاتالمىش «خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نى يولغا قويۇپ، ئىلگىرى ۋەدە قىلغان «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنى بىكار قىلىپ، ئالاھىدە رايوننى پۈتۈنلەي خىتاي رېجىمىنىڭ كونتروللۇقىغا كىرگۈزىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا «يەرشارىدا ئىنسانىي ھوقۇقلار قاتتىق باستۇرۇلدى، بۇ ئامېرىكا ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ قىسقا مۇددەتلىك سىياسىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، ئىنسانىي ھوقۇقلارغا دەخلى-تەرۇز قىلغان دۆلەتلەرنى تەنقىد قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خىتاي بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى» دەپ قارالغان.
دوكلاتتا 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىسقىچە خۇلاسە قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي خەلقئارا بويىچە ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، پەقەت خىتاينىڭ دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى مەزمۇنلار 12 بەت چىققان.
دوكلاتتا ئېنىق قىلىپ: «شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئون يىلدا پۈتۈن خىتايدا باستۇرۇش كۈچەيدى، جەمئىيەت كونتروللۇقى تېخىمۇ چىڭىتىلدى، ئەركىن سۆزلەيدىغان مۇستەقىل پۇقراۋى جەمئىيەتلەر يوقلىتىپ، خەلقنىڭ ئاددىي ئەركىنلىكلىرى چەكلەندى» دېيىلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ