خىتاي رېجىمى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر تېبابىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىشخانىسى»، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى» يېزا-كەنت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش سىستېمىسىغا ئالاقىدار بىر نەچچە تەدبىرنى بېسىپ تارقاتقان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 10-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىر»نى ئېلان قىلغان.
تەدبىردە خىتاي تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا-كەنت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىتاي تېبابىتى-دورىگەرلىك مۇلازىمىتى تەمىناتىنىڭ كېڭەيتىلىدىغانلىقى، 2025-يىلىغا بارغاندا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى %95 يېزا-بازار شىپاخانىسى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئاساسىي ئۆلچىمىگە، %15 ئەتراپىدا يېزا-بازار شىپاخانىسى مۇلازىمەت ئىقتىدارى تەۋسىيە ئۆلچىمىگە يېتىپ، مەھەللە دوختۇرخانىسىدىن 50 قۇرۇلىدىغانلىقى، كەنت شىپاخانىلىرىنىڭ نىسبىتى %30 تىن ئاشۇرۇلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ۋە شۇنداقلا بارلىق يېزا-بازار شىپاخانىلىرىدا خىتاي تېبابىتى سارىيى تەسىس قىلىنىپ، خىتاي تېبابىتى-دورىگەرلىكىگە ماس كېلىدىغان تېخنىكىلار قېلىپلاشتۇرۇلۇپ كېڭەيتىلىدىغانلىقى، خىتاي تېبابىتى تۈرىدىكى دوختۇرلارنىڭ شۇ ئاپپاراتتىكى دوختۇرلار ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %25 تىن ئاشۇرۇلىدىغانلىقى، كەنت شىپاخانىلىرىنىڭ خىتاي تېبابىتى-دورىگەرلىكى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا ئوچۇق-ئاشكارا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ماس قەدەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق مەدەنىي مىراسلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغاندىن باشقا، ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى دەسسىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئاتالمىش «تەدبىر»نىڭمۇ خىتاي تېبابىتىدىن پەرقلىق بولغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، سىستېمىلاشقان ئۇيغۇر تېبابىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، سىقىپ چىقىرىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغان رەزىل پىلانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ