جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىسرائىلىيەنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئەدلىيە ئورگىنىغا ئەرز قىلىش دېلوسى ھەققىدىكى ئىسپات ئاڭلاش بۈگۈن گوللاندىيەگە جايلاشقان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە باشلاندى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا سۇنۇلغان 84 بەتلىك ئەرزنامىدە، خەلقئارا سوت ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەكىللەندۈرىدىغان بارلىق ھەربىي ھۇجۇملارنى دەرھال توختىتىش ۋە غەززە خەلقىگە قىلىۋاتقان ھۇجۇمىنى توختىتىش ھەققىدە تېزدىن بۇيرۇق چۈشۈرۈشكە چاقىرىلغان. ئەمما سوتچىلار بۇ دېلوغا بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئاندىن ھۆكۈم چىقىرىدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشى بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقا خەلقئارا ئادۋوكاتلىق ئورنى «Doughty Street Chambers»نىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى جون دۇگارد، ئامال كىلۇنى قاتارلىق داڭلىق ئادۋوكاتلارنى ئەۋەتكەن. جون دۇگارد ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئالاھىدە دوكلاتچىسى بولغان. ئادۋوكات ۋەكىللەر ئۆمىكىدە يەنە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى جاكوب زۇمانىڭ تۈرمىگە سولىنىش دېلوسىغا قاتناشقان تېمبېكا نىگكۇكايتوبىمۇ بار ئىكەن. جەنۇبىي ئافرىقا ئەدلىيە مىنىستىرى رونالد لامولامۇ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىشىنى قوللاش ئۈچۈن، ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، مەزكۇر سوتقا قاتنىشىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ