ئامېرىكىنىڭ نەچچە ئونلىغان پارلامېنت ئەزاسى تەيۋەن دېموكراتىيەسىنى قوللايدىغان بىر قارارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت تەيۋەن سايلىمىغا بىر نەچچە كۈنلا قالغان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئۈچۈن، خىتاينى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدىغان بىر ھەرىكەت بولغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتچىلاردىن كەم دېگەندە 28 پالاتا ئەزاسى تەيۋەن دېموكراتىيەسى قوللىغان. قاراردا: «كېڭەش پالاتاسى ئامېرىكىنىڭ بارلىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۈنۈملۈك چەكلەش ئارقىلىق تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغدىشىنى ۋە خەلق دېموكراتىيەسىنى قوللاشنى قارار قىلدى» دېيىلگەن.
مەزكۇر قاراردا تەيۋەننىڭ «قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىشى، ھاياتىي كۈچكە تولغان پۇقرالار جەمئىيىتى، كۆپ خىللاشقان ئىقتىساد ۋە مۇقىم سىياسىي تۈزۈمى» ماختالغان ۋە خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى دان سۇلىۋان ۋە دېموكراتچىلارنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى تىم كەين بۇ قارارنى بىرلىكتە قوللىغان. قوللىغۇچىلار مەزكۇر قارارنىڭ بۇ ھەپتە بىردەك ماقۇللىنىشىنى ئۈمىد قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە سايلامنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، تەيۋەن خەلقى خىتاي كومپارتىيەسىنى قوللايدىغان زور مىقداردىكى يالغان ئۇچۇرلارغا دۇچ كەلمەكتىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ