پاكىستاندا بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى راستمۇ؟

پاكىستاندا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ تەپسىلاتى ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاشكارىلاندى.

ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ھارۇن ئىسىملىك كىشى ئۈچ كۈن ئىلگىرى بامدات نامىزى مەزگىلىدە ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۇنى ئۆلتۈرگەن قاتىللارنىڭ كىم ئىكەنلىكى تېخىچە ئېنىقلانمىغان.

پاكىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقفىنىڭ رەئىسى ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزىنىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ياشاۋاتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھارۇننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆمەر ئەپەندى دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ ئايالى بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋال ئىگىلىگەن. نەتىجىدە ھارۇن ئىسىملىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەسلى ئۇيغۇر ئەمەس، بەلكى گەنسۇلۇق تۇڭگان ئىكەنلىكىنى، ئەسلى ئىسمىنىڭ ما شيۇلۇڭ ئىكەنلىكى، پاكىستاندا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى پاكىستانلىق بىر قىز بىلەن توي قىلغانلىقىنى، بىر پەرزەنتى بار ئىكەنلىكى، ئۈچ كۈن ئىلگىرى بامدات نامىزىدىن بۇرۇن ئۆيىگە نامەلۇم تۆت كىشى بېسىپ كىرىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى مەلۇم بولغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى دېلونى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىقلانمىغان. ما شيۇلۇڭنىڭ ئايالى ۋە بىر قىسىم پاكىستانلىقلار پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن دېلونى تېزدىن تەكشۈرۈپ چىقىپ، قاتىللىق ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، نارازىلىق نامايىشى قىلىشقا تەييارلانغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2492 قېتىم كۆرۈلدى
10/01/2024 16:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق