خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتىلغان ئاسسىمىلياتسىيە، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى جىددىي كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە 200 گە يېقىن خىتاي «مۇتەخەسسىس»نى ئۈرۈمچىگە يىغىپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»نى تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتايدىكى 19 ئۆلكە، شەھەر ۋە خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، خىتاي تاراتقۇ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن 200 گە يېقىن خىتاي «مۇتەخەسسىس»نىڭ قاتنىشىشى بىلەن، 4-، 5- يانۋار كۈنلىرى خىتاي خەلق تورى ئۇيۇشتۇرغان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»نى توردا تارقىتىش مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
خىتاي خەلق تورى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، نازارەتچىلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى تاڭ ۋېيخۇڭ سۆزىدە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش» دېگەن سەپسەتىلەرنى تەكىتلىگەن.
يىغىنغا يەنە خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنى بويىچە ئۇيغۇر، قازاق خەلقىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار سەھنىگە چىقىپ، ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى» سۆزلەشكەن.
ئاخىرىدا يىغىنغا قاتناشقان ئاتالمىش «مۇتەخەسسىسلەر» ئاسسىمىلياتسىيە، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسى»، «چوۋما 1-نومۇرلۇق مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسى»، «شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى» قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان.
خىتاي رېجىمى خەلقئارانىڭ تەنقىدى ۋە بېسىملىرىغا قارىماي، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختاتماي ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەلقنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، خىتايلاشتۇرۇش، شۇنداقلا ئىشغالىيەت تارىخىنى پەردازلاش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتمەكتە. خىتاي بۇ پىلانىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بۇرمىلانغان تۈرلۈك مۇزېيلارنى، تەتقىقات ئورۇنلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇش بىلەن بىرگە، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئومۇملاشتۇرۇش»، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەرنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ