تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ئەنقەرەدە مۇھىم زىيارەتلەردە بولدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت ئەنقەرەدە بىر قىسىم مۇھىم زىيارەتلەردە بولدى.

ھەيئەت 8-يانۋار چەت ئەل تۈركلىرى ۋە قېرىنداش جەمئىيەتلىرىنىڭ (YTB) رەئىسى ئابدۇللاھ ئەرەن ئەپەندىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى ۋە زىيارەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

ھەيئەت 8-يانۋار يەنە تۈركلەر ھەمكارلىقىنى ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TIKA) نىڭ رەئىسلىك ئورگىنىدا سەركان كايالار ئەپەندىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى 9-يانۋار يەنە تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى دەريا يانىق خانىمنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

ھەيئەت زىيارەتلىرى جەريانىدا كۆرۈشكەن مۇھىم شەخسلەرگە شەرقىي تۈركىستان دۆلەت گىرىبى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4821 قېتىم كۆرۈلدى
10/01/2024 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق