ھاماسنىڭ «ئەقسا كەلكۈنى» ھەرىكىتىدىن كېيىن باشلانغان ئۇرۇش ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، پىسخىك كېسەللىك كىرىزىسىدىن كېلىپ چىققان قالايمىقانچىلىق كۈنسېرى كۈچەيگەن. ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ روھىي كېسەللىك دورىلىرى ۋە تىنچلاندۇرۇش دورىلىرىغا بولغان ئېھتىياجى ئاشقان.
ئەلجەزىرە تورىنىڭ 9-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، بۇلتۇر 7-ئۆكتەبىر ھاماس قوزغىغان «ئەقسا كەلكۈن» ھەرىكىتىدىن كېيىن، نەشە ياكى داۋالاشتا قوللىنىدىغان تىنچلاندۇرۇش دورىسىنىڭ رېتسېپلىرى %250 كۆپەيگەن بولۇپ، ئۇرۇش جەريانىدا ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ نەشە ياكى داۋالاشتا قوللىنىدىغان تىنچلاندۇرۇش دورىسىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.
ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى رەسمىي سەھىيە فوندىنىڭ مەركەزلىرى ۋە شىپاخانىلىرىدا داۋالاشتا قوللىنىلىدىغان نەشىنىڭ ئىشلىتىلىشى كۆپەيتىلگەندىن باشقا، 7-ئۆكتەبىر ۋەقەسىدە ھايات قالغان مىڭلىغان ئىسرائىلىيەلىكلەرگە ۋە غەززە رايونىدا ئايرىلغان ئسىرائىلىيەلىكلەرگە بۇ خىل نەشە تارقىتىلغان. ئەمما بەزى دوختۇرلار داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان نەشىنى كۆپ ئىستېمال قىلىش بىمارلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دەپ قارايدىكەن.
بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى تور بېتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش داۋامىدا داۋالاشتا قوللىنىدىغان نەشىگە بولغان ئېھتىياجى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. سەھىيە مىنىستىرلىقى ئۆكتەبىردە يېڭى نەشە ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسىدىن 2000 نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ سان نويابىردا 3000 مىڭغا يەتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ