تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى سەنا نۇر چەلىك ئۇيغۇر يىگىتى بىلەن توي قىلدى

تۈركىيەدىكى قانال يەتتە مېدىيا گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۆلكە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇدىرى مۇستافا چەلىكنىڭ قىزى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل پارلامېنت ئەزاسى سەنا نۇر چەلىك خانىم مەركىزى تۈركىيەدە بولغان ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىSETA  نىڭ ۋاشىنگتون ئىشخانىسى مۇدىرى ئۇيغۇر يىگىت قىلىچ بۇغرا قانات بىلەن توي قىلدى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن توي مۇراسىمى سىياسەت، ئاخبارات ۋە سودا دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلدى. جۈملىدىن يىگىتنىڭ ئامېرىكىدىن كەلگەن ئانىسى خالىدە قانات ۋە چوڭ ئاكىسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تۈرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات قاتناشقاندىن باشقا، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق كومىسسارى نۇرى تۈركەل ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، شۇنداقلا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان باشقا ئۇيغۇر جەمئىيەت رەئىسلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىكلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان تويدا قىز-يىگىتنىڭ نىكاھىنى ئىستانبۇل مۇفتىسى سافى ئارپاگۇش ئوقۇدى. توي مۇراسىمىغا تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت جەۋدەت يىلماز، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئەدلىيە مىنىستىرى يىلماز تۇنچ، سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات، قاتناش مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلى، ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى ئوسمان ئاشكىن باق، يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرى ئىبراھىم يۇماكلى، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت مىنىستىرى ماھىنۇر ئۆزدېمىر گۆكتاش، تۈركىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل پارلامېنت ئەزاسى جەلال ئادان، تۈركىيە پىرېزدېنتلىق ئۇچۇر-ئالاقە باشقارمىسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور فاھرەتتىن ئالتۇن قاتارلىق نۇرغۇن مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى، بىيۇروكراتلار ۋە ئاخبارات دۇنياسىدىكى مۇھىم شەخسلەر قاتناشتى. شۇنداقلا ھازىر ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دۆلەت ئەمەلدارلىرىدىن باشقا ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەردە خىزمەت قىلغان تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ سابىق باشلىقى پىروفېسسور دوكتور مۇستاپا شەنتوپ، سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھاياتى يازىجى، سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەشىر ئاتالاي، سابىق دۆلەت مائارىپ مىنىستىرى ھۈسەيىن چەلىك، سابىق ئىقتىساد مىنىستىرى ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىھات زەيبەكچى، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى، سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد گۈل، سابىق قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارا ئسمايىلئوغلى قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

تويغا يەنە كۆپلىگەن بىيۇروكراتلار ۋە شەھەر باشلىقلىرى قاتناشتى. جۈملىدىن ئىستانبۇل ۋالىيسى داۋۇت گۈل، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك رەئىسى ئوسمان نۇرى كاباكتەپە، خەۋەرلىشىشنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چاتاي ئۆزدەمىر، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى سەردار چام، ئەسەنلەر شەھەر باشلىقى ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىستانبۇل گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمەت تەۋفىق گۆكسۇ، سۇلتانگازى شەھەر باشلىقى ئابدۇر شەھەر باشلىقى ھەيدار ئەلى يىلدىز، سۇلتانبەيلى شەھەر باشلىقى ھۈسەيىن كەسكىن، ئەييۇبسۇلتان شەھەر باشلىقى دېنىز كوكېن، فاتىھ شەھەر باشلىقى ئەرگەن تۇران، THY  نىڭ سابىق باش مۇدىرى ھەمدى توپچۇ قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.

ئاخبارات دۇنياسى ۋە مۇھىم تەشكىلاتلارمۇ بۇ بىر جۈپنىڭ خۇشاللىقىغا شاھىت بولغان بولۇپ، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ باش مۇدىرى سەردار قاراگۆز،TRT  نىڭ باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى،  ئا خەۋەر باش مۇدىرى ئابدۇلخالىق چىمەن، يېڭى شەپەق گېزىتىنىڭ باش مۇدىرى ھۈسەيىن لىكئوغلى، سۈپەر خەۋەر قۇرغۇچىسى جېنگىز ئەر، ئىستانبۇل 2-نومۇرلۇق ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياسىن شاملى، ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىSETA  نىڭ باشلىقى ۋە ئەنقەرە ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى بۇرھانىدىن دۇران قاتارلىقلارمۇ ئورۇن ئالدى.

قىلىچ بۇغرا قانات ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى SETA نىڭ ۋاشىنگتون تەتقىقات مۇدىرى، شۇنداقلا پېنسىلۋانىيە ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسىي پەنلەر ئوقۇتقۇچىسى. سىراكۇس ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتىدا دوكتورلۇقنى تاماملىغان قىلىچ بۇغرا قانات ئوخشاش ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ۋە ماركېت ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ ئىككىنچى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. 2015-يىلى پېنسىلۋانىيە ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «2015-يىللىق ئىلغار تەتقىقاتچى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

ئىلگىرى تاشقى سىياسەت تەشەببۇسى كەلگۈسى رەھبەرلەر پىروگراممىسىغا قاتناشقان قىلىچ بۇغرا قاناتنىڭ ماقالىلىرى «تاشقى سىياسەت»، «تۈركىيەنى چۈشىنىش»، «دىپلومات»، «ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى»، «ئەرەب تەتقىقاتى» پەسىللىك، ئوتتۇرا دېڭىز پەسىللىك ژۇرنىلى، «جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، «بالقان»، «يېقىن شەرق تەتقىقاتى» ۋە «مۇسۇلمان مىللەتلەر ئىشلىرى ژۇرنىلى» قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنغان. قىلىچ بۇغرا قانات ھېلىھەم ئىنگلىزچە چىقىدىغان «كۈندىلىك ساباھ» گېزىتىنىڭ يازغۇچىلىقىدىن باشقا، يەنە تۈركىيەنىڭ تارىخ، سىياسەت ۋە تاشقى سىياسەت قاتارلىق مۇھىم تەتقىقاتلاردا ئورۇن ئالماقتا ۋە تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نوپۇزلۇق قاناللاردا، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا سىياسىي ئانالىزلارنى سۇنماقتا.   

دوكتور قىلىچ بۇغرا قاناتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىياسىي ئانالىز ماقالىلىرى ۋە تەتقىقاتلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا ۋە تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلغان ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە سىياسىي ئانالىز ماقالىلىرى بىلەن تونۇلغانىدى. ئۇنىڭ بۇ ئۇتۇقلىرى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ياخشى ئىنكاس قوزغاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرى، ياش تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارالىق ئىلىم ساھەسىدە يېتىشىپ چىقىشى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشى ۋە ئوبراز يارىتىشى جەھەتتىن مۇھىم ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 6281 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2024 15:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق