خىتاي 2024-يىلىنى ئاتالمىش «تور پىتنە-ئىغۋالىرىغا زەربە بېرىش يىلى» قىلدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، تور ئالاقە ساھەسىدىكى باستۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە. جۈملىدىن ج خ مىنىستىرلىقى 2024-يىلىنى ئاتالمىش «تور پىتنە-ئىغۋالىرىغا زەربە بېرىش، تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى يىلى» قىلىپ بېكىتكەن.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 2024-يىلىنى ئاتالمىش «تور پىتنە-ئىغۋالىرىغا زەربە بېرىش، تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى يىلى» قىلىشنى قارار قىلغان. ئارقىدىن خىتاينىڭ ج خ ئورگانلىرى ئاتالمىش «پاكىز تور بوشلۇقى مۇھىتىنى ھەقىقىي قوغداش» دېگەن نام بىلەن قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ج خ نازارىتى 5-يانۋار ئاتالمىش «توردىكى پىتنە-ئىغۋالارغا زەربە بېرىش» نامىدا بىر تەرەپ قىلىنغان بەش تىپىك دېلونى ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ج خ ئورگىنىنىڭ توردا گەنسۇدىكى يەر تەۋرەش ۋەقەسى توغرىسىدا خەۋەر ۋە يامان غەرەزلىك سۆزلەرنى ئېلان قىلغۇچىغا مەمۇرىي جازا بەرگەنلىكىنى، قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونلۇق ج خ ئورگىنىنىڭ مەلۇم جايدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقۇچىغا مەمۇرىي جازا بەرگەنلىكىنى، قۇمۇل شەھىرى ئاراتۈرك ناھىيەسىدىكى ج خ ئورگىنىنىڭ توردا ساقچى ماشىنىسىغا ھۇجۇم قىلىش، قورال-ياراغ بۇلاش توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى تارقاتقۇچىغا مەمۇرىي جازا بەرگەنلىكىنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ج خ ئورگىنىنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان بىر كىشىگە مەمۇرىي جازا بەرگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي رېجىمى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش، قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» دېگەندەك تۈرلۈك قالپاقلار بىلەن ئىزچىل ۋە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، باستۇرۇپ قىرغىن قىلىپ كەلمەكتە ۋە بۇ خىل ناملار ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ قېتىم خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 2024-يىلىنى ئاتالمىش «تور پىتنە-ئىغۋالىرىغا زەربە بېرىش، تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى يىلى» قىلىشىمۇ ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن باستۇرۇش، نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1741 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2024 11:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق