فىلىپپىن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تور ھۇجۇملىرىغا قارشى خاككېرلاردىن ياردەم سورىدى

خاككېرلار فىلىپپىن ھۆكۈمىتى تور مۇداپىئە ئەترىتىگە ياردەملىشىپ، خىتاينىڭ تور ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرغان.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسىنىڭ 8-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاجىزلىقى سەۋەبلىك خىرىسىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاي رېجىمىنىڭ قوللىشىدىكى تور ھۇجۇمىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى تېخىمۇ چوڭ تەھدىتىگە ئايلانغان.

تور بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا خىتاينىڭ «قۇدرەتلىك سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى» ناملىق بىر خاككېرلار گۇرۇھى فىلىپپىن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى نىشانلاپ، نەچچە ئون مىڭ ئابۇنتنىڭ ھېساباتىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان. بۇ دەل خىتاي بىلەن فىلىپپىننىڭ پاراخوتلىرى جېدەللىشىۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كەلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر تور ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغان 30 دۆلەتنىڭ بىرى بولسىمۇ، دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ خادىملىرى كەمچىل، مەسىلىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان مەبلەغ يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. بۇ سەۋەبلىك فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىر قىسىم خاككېرلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغان. خاككېرلارمۇ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1363 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2024 11:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق