خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جاسۇسلۇق ئورگىنى بولغان بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئەنگلىيەنىڭ خىتايدىكى جاسۇسلۇق دېلوسىنى پاش قىلغانلىقىنى دەۋا قىلدى.
ياپونىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ 8-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئەنگلىيەنىڭ مەخپىي ئىستىخباراتى 6-باشقارمىنى (MI6) خىتايدا جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى، دەپ ئەيىبلىگەن.
خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا چەت ئەل پۇقراسى بولغان خۇاڭ فامىلىلىكنىڭ بىر چەت ئەل مەسلىھەتچىلىك ئورگىنىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ 2015-يىلى ئەنگلىيە ئىستىخبارات ئورگىنى 6-باشقارما بىلەن ئىستىخبارات ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خىتاي تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئالتىنچى باشقارما خۇاڭ فامىلىلىكنى كۆپ قېتىم خىتايغا كىرىشكە بۇيرۇق قىلغان بولۇپ، ئۇ خىتايغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ ئىستىخبارات ئورگىنى ئۈچۈن خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر توپلىغان.
خىتاي رېجىمى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تارماقلىرىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، خۇاڭ فامىلىلىكنىڭ ئەنگلىيە تەرەپكە قاتتىق مەخپىي دەرىجىلىك دۆلەت مەخپىيىتىدىن توققۇزنى، مەخپىي دەرىجىلىك دۆلەت مەخپىيىتىدىن بەشنى ۋە ئىستىخبارات ئۇچۇرىدىن ئۈچنى تەمىنلىگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ئەنگلىيەنى ئەيىبلەش ھەرىكىتى ئىككى تەرەپنىڭ جاسۇسلۇق مەسىلىسىدىكى ئەڭ يېڭى قارشىلىشىشى ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ